دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار جەنۋەدە يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىشىپ، ئالدىمىزدىكى 3 - ئايدا جەنۋەدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


يىغىننىڭ تېمىسى «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە قارىتىلغان رىقابەت» بولۇپ، يىغىن 11 - مارتتىن 13 - مارتقىچە ئېچىلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى يېڭى رەھبەرلەر ئالمىشىشتىن ئىلگىرى خىتايدا بۇندىن كېيىن قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى، يېڭى رەھبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالىدىغان - سالمايدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەر قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇلغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ نۋۆەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىن، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بېسىم سىياسىتى ۋە شۇنداقلا خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى ئۇچراۋاتقان يېڭى رىقابەتلەرنى تەھلىل قىلىشنى ۋە شۇنداقلا بۇندىن كېيىن يېڭى بىر ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈپ، ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.