مەركىزى ميۇنخېندىكى د ئۇ ق نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ، 7-ئىيۇن كۈنى قازاقىستان ۋە خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدىكەن.
ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن.
مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ 31-ماي كۈنى ئەرشىدىننى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
قازاقىستاندىكى بەزى ئۆكتىچى مەتبۇئاتلار ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن 1990-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى مەخپىي كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرمەسلىككە ۋەدە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
قازاقىستان دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇنداق بىر كېلىشىم بارلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنكارمۇ قىلمىدى.
بەزى ئانالىزچىلار، بۇنداق بىر كېلىشىم مەۋجۇت بولسا، بۇنىڭ قازاقىستان ئىمزا قويغان ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى ۋە شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئەزالىقىدىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك-ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
د ئۇ ق بۈگۈن ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا يەنە، ئەرشىدىننىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.