دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 18 - مايدىن تاكى 24 - مايغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر ھەپتىسى سۈپىتىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈش بەلگىلەنگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - قۇرۇلتىيىدىن باشقا يەنە دۈشەنبە كۈنى دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى 60 يىلى" ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى باشلانماقچى.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەندىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئاتاقلىق دېموكراتىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىپ، دوكلات بەرمەكچى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارىل گىرىشمان، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى مارىنو بۇسداچىن، توم لانتوس ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى ھانس خوگرېفې ئەپەندى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ بار.