دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىگىتون شەھىرى يېنىدىكى "ھەيات " مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئۈچىنچى كۈنگە قەدەم قويۇپ، 23 - ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 120 ئەتراپىدا ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى ۋە دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئورگىنى سايلاپ چىقىلدى ھەمدە قۇرۇلتاي نىزامنامىسىغا بەزى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسلىكىگە تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاپ چىقىلدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى، ئىچكى ئىشلار، فوند، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ يېڭى مەسۇللىرىمۇ سايلام بىلەن بېكىتىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 21 - ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك، كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىگە بولغان ھېسداشلىقى ھەم قوللىشىنى ئىزھار قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 5 - ئاينىڭ 25 - كۇنى يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئاخىرلاشماقچى.