د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باياناتتا ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار تەن جازاسىغا ئۇچراش، تۇتقۇن قىلىنىش، ۋە ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن. ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ، «بىز ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
تۈنۈگۈن كامبودژا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلاردىن مۇسا مەمەتنىڭ قەشقەردىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى، يەنە بەزىلىرىنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.