د ئۇ ق: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى خوتەن رايونىدا "مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش " ناملىق سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ، دىن ۋە دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە " ئۇچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان.

شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى كېلەر ئاينىڭ بېشىدا بىر ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىسىنى ئوربىتىغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبى كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، ئەمەلىيەتتە شىمالى كورىيىنىڭ شۇ باھانىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارماقچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەيران قىلغۇچى جون مېككېيىن ناملىق ھەربىي پاراخوتى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە جەنۇبى كورىيىنىڭ بۇسان پورتىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ۋەيران قىلغۇچى شەفى ناملىق ھەربىي پاراخوت شۇ كۈنى كەچقۇرۇن يولغا چىققان. ئەمما ھەربىي دائىرىلەر مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ مەنزىلىنى ئاشكارىلىمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرىمۇ ئىلغار رادارلار بىلەن قوراللانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇغۇچى ئىككى ھەربىي پاراخوتىنى ئۆزىنىڭ جەنۇبى دېڭىز تەۋەسىگە يۆتكىگەن.