سۈرىيىدىكى نامايىشتا 12 ئادەم ئۆلدى

ئوتتۇرا شەرقتىكى مىسىر، بەھرەيىن، يەمەن ۋە لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى تۈركىيىگە چېگرا سۈرىيىگىمۇ تۇتاشقان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى سۈرىيىنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىز قىرغىقىدىكى شەھىرى لاتاكىيىدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا 10 نامايىشچى ۋە ئىككى ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ساقچى خادىملىرى ئىكەن.

بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشقان نامايىشلار بارغانسېرى كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي قوشۇنلارنى لاتاكىيىگە كىرگۈزۈپ، شەھەرنى قامال قىلغان.

سۈرىيىدىكى نامايىشلارنىڭ لىۋىيە ۋە مىسىردىكىگە ئوخشاش ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمگە قارشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.