بۇ، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى پاكىستاندا ئەل-قائىدىچىلەرنىڭ كاتتىۋېشى ئوساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، كرېمىلنىڭ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش جەھەتتە قازانغان بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى» دەپ جاكارلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بۇ باياناتىدا، ئەل-قائىدىچىلەرنىڭ كاۋكازىيىدىكى سابىق ئەلچىسى ئابدۇللا كۇرتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن دوگەر سەۋدەت 1991-يىلى بۇ رايونغا كەلگەندىن بۇيان، «نۇرغۇن قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاپ، دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋە رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا پاراكەندىچىلىك سالغان ئىدى» دەپ ئەيىبلەنگەن.
