شىخەنزىدە ئېلېكترونلۇق قۇرئان تارقاتقان دادا-بالا دىنىي زاتلار تۇتقۇن قىلىنغان

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شىخەنزە شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى، مەزكۇر شەھەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەت رېھىم ۋە مەمەت سىدىق ئىسىملىك دادا-بالا دىنىي زاتلارنى قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى تارقاتقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلغان.

ساقچىلارنىڭ گۇمانىغا دادا-بالا دىنىي زاتلارنىڭ نىڭشادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكترونلۇق قۇرئاننى ئۆيىدە ساقلىغانلىقى ۋە تونۇش-بىلىشلىرىگە ھەدىيە قىلغانلىقى سەۋەب بولغان.

شىخەنزە شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىدىن ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا، ئەترەت باشلىقى سۇ يىڭ دادا-بالا دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئەھۋالىنىڭ راستلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، تۇتقۇنلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

شىخەنزىنىڭ كونا بازار دېگەن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى ۋە مەسچىت جامائىتى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ساقچى ئورۇنلىرىغا بىرقانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئىلتىماسى رەت قىلىنغان.

640 مىڭ نوپۇسلۇق شىخەنزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، مانا بۇ ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شىخەنزە دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.