بۇنىڭ بىلەن خەلق تورىنىڭ گەنسۇدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لەنجۇ ئايرودرومىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇچۇرنىڭ توغرا- خاتالىقىنى سورىغان. دائىرىلەر ئايروپىلان ئېلىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان.
مۇخبىر لەنجۇنىڭ جۇڭچۈەن ئايرودرومىغا تېلېفون قىلغاندىمۇ دائىرىلەر ئوخشاشلا «تەكشۈرۈشىمىز نەتىجىسىدە مۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى ئايدىڭلاشتى» دېگەن.
ئەمما، بۈگۈن خىتايچە سىنا خەۋەرلىرى تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، خىتايدىكى بىر قىسىم چوڭ ئايرودروملاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى 28-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۇشتۇمتۇت ھالدا بىر دەرىجىدە يۈكسەلتىلىپ ئىككىنچى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئايرودروملاردىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش يولۇچىلارنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇش، ئاياغلىرىنى سالدۇرۇش قاتارلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قېتىم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يوليورۇققا بىنائەن ئۇشتۇمتۇت ھالدا ئىككىنچى دەرىجىلىككە يۈكسەلتىلگەن ئايرودروملار بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومى، شاڭخەينىڭ فۇدۇڭ ۋە خۇڭچيۇڭ ئايرودرومى ۋە گۇاڭجۇدىكى بەييۈن ئايرودرومىدۇر.