ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ خىتاي پرېزىدېنتىنى بېرما پرېزىدېنتىدىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىردى

بۈگۈن ئىنتېرنېتتا تارقالغان بىر سىن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتايدىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىققان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭغا قارىتىپ سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنى بېرما پرېزىدېنتى تەنسىننى ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرغان.

چېن گۇاڭچېڭنىڭ قارىشىچە، بېرما پرېزىدېنتى تەنسىن، ئۆزىنى سوراپ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە باققاچقا، بۈگۈن ئۇ بېرما ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئىمكان بۈگۈن خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭدىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلاھات يولىنى تاللاش-تاللىماسلىقى، خىتاي خەلقىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.

چېن گۇاڭچېڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى بىر مۇتلەقلىق، ئەمما بۇنىڭ تىنچ يول بىلەن ياكى ئىسيان ياكى قان تۆكۈلۈش بىلەن ئەمەلىيلىشىشى، شى جىنپىڭنىڭ تاللىشىغا باغلىق.

چېن گۇاڭچېڭ سۆزىدە، تەنسىننىڭ ئىسلاھاتنى باشلاشتا، نوبېل ساھىبى ئانساڭ سۇچىنى تۈرمىدىن قويۇۋېتىشتىن باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شى جىنپىڭنىمۇ ئالدى بىلەن خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.