خەۋەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارى كاتېرىن ئاشتون خانىمغا يېقىن مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، قورال-ياراق ئېمبارگوسىنىڭ "پات يېقىندا بىكار قىلىنىشى "مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېموندىې گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشتون خانىمنىڭ بۇ يىل 16 - ۋە 17 - دېكابىردىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا دوكلات سۇنۇپ، ئېمبارگونى بىكار قىلىش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاشتون خانىم ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە سۇنغان دوكلاتىدا ئېمبارگونىڭ ياۋروپا-خىتاي بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا " چوڭ توسالغۇ" پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەسىلىنىڭ كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋېنگرىيىدە چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا خىتاينىڭ بېريۇسسېلدىكى باش ئەلچىسى سۇڭ جى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگونى بىكار قىلمىسا، ياۋروپا قورال-ياراق كارخانىلىرىنىڭ "پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغانلىقى " نى تەكىتلىگەن. لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، تەيۋەن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگونى بىكار قىلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايغا قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش خىتايغا خاتا سىگنال بېرىپ، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياققانلىقتۇر. لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگونى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئىزچىل پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي كەلدى. ئىتتىپاقنىڭ بۇ يىل 9 - سېنتەبىردە چاقىرىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بەزى دۆلەتلەر ئېمبارگونى شەرتلىك بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.