ماقالىدە بىر قىسىم تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى تىزىملاپ ئاۋامغا ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئومۇملاشتۇرۇلسا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىيانەت قىلىشىنىڭ، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇنىڭ خىتايدا تارىخى خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە گۇاڭدۇڭنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ ياڭ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى يۈ شېڭ قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ مۈلكىنى تىزىملاپ، ئاۋامغا ئاشكارىلاش تەشەببۇسىنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىم،لېكىن يەنە «بەزى ئەمەلدارلار» نىڭ بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قاتتىق قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما ماقالىدە بۇ «بەزى ئەمەلدارلار»نىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.
خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقى ئەڭ كۈچلۈك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ب ب س ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ 9-نويابىر كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 18-قۇرۇلتايدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، «ئەمەلدارلارنىڭ مۈلكىنى ئاشكارىلاش» تېمىسىدىن چەتنىگەنلىكىنىڭ خىتاي تورداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.