ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلار ئائىلە-تاۋاباتىغا قارىتا «پاك-دىيانەتلىك جورا تەربىيىسى» ئېلىپ بېرىلماقتا

تەڭرىتاغ تورنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى تەشۋىقات ۋە تەربىيە خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن بولۇپ، خەۋەردە بۇلاردىن بىرى «پاك دىيانەتلىك جورا بولۇش» تەربىيىسى دەپ تىلغا ئېلىنغان.

بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ تەشۋىقات سېپىدە پاك-دىيانەتلىك رەھبىرىي كادىر ۋە پاك-دىيانەتلىك پارتىيە ئەزاسى قاتارلىق تەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان، پاك-دىيانەتلىك جورا بولۇش تەربىيىسىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى تۇنجى قېتىمدۇر.

ئەمما، خەۋەردە پاك-دىيانەتلىك جورا بولۇشنىڭ كونكرېت شەرتلىرى تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەت ئەمەلدارلارنىڭ جۆرىلىرىگە مەخسۇس ئىبرەت ماتېرىياللىرى تارقىتىلغانلىقى ئوچۇق ئەسكەرتىلگەن.

ئامما ئارىسىدىكى شىكايەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىش بېجىرگەندە قائىدە ۋە قانۇنلارغا تايىنىشنىڭ ئورنىغا جورسىنىڭ خاھىشى بويىچە قارار بېرىش-خىتاي جەمئىيىتىدىكى خېلى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ پارىخور ئەمەلدارلار ئارىسىدا داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر مەسىلىدۇر.

مەزكۇر مەسىلىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلام داۋامىدا مەخسۇس كۈنتەرتىپ ئىگىلىشى مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئومۇمىيلىق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. بولۇپمۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆز سېپىدىكى مەۋجۇت مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا چارىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.