ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇھىم ئىگىلىكلىرىدىن بىرى بولغان پاختا مەھسۇلاتى يىلدىن يىلغا ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، بىڭتۇەن يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى زور ساندا پاختا تەرگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنە سىرتتىن بىر قىسىم ئەمگەكچىلەرنى پەسىللىك، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشچىلىققا ۋە دېھقانچىلىق ھەم باشقا خىزمەتلەرگە تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى بىڭتۇەن سىرتتىن 475 مىڭدىن پاختا تەرگۈچى قوبۇل قىلغان.
ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بىر ئەمەلدارى لى جيەنجۈننىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، سىرتتىن قوبۇل قىلىدىغان پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ سانى بۇ يىل قىسقارتىلىپ، 400 مىڭغا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى تۈپەيلىدىن ئەمگەك كۈچلىرىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشقان، بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى سىرتتىن 850 مىڭ ئەمگەكچى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىغان.
بۇنىڭ ئىچىدە 600 مىڭ ئادەم پاختا تېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېھقانچىلىققا 200 مىڭ ئادەم سانائەت ساھەسىدىكى ئىشچىلىققا، 50 مىڭ ئادەم مۇلازىمەت كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سىرتتىن قوبۇل قىلىدىغان ئىشچىلار قوشۇنى ئاساسلىقى ئىچكىرى خىتاينىڭ سىچۈەن ۋە باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەر يىلى زور ساندا خىتاي ئىشچىلىرى بىڭتۇەن تەۋەسىدە پاختا تېرىشقا سېلىنغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىڭتۇەن تەۋەسىدە ۋە باشقا جايلارغا ئورۇنلىشىپ قالىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىڭتۇەن 850 مىڭ ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلسا، بۇ سان ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك.
ئەنە شۇنداق زور ساندا ئىش پۇرسىتى تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ بېرىشنىڭ مەقسىتى نېمە؟