ۋىليام خېيگنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئىراننىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىنى دەرھال تاقاش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئىرانلىق نامايىشچىلار سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە ئىرانغا قارشى يولغا قويغان ئېمبارگوغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئىران پارلامېنتى مەزكۇر ئېمبارگوغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قىسقارتىشنى قارار قىلغان ئىدى.
ۋىليام خېيگ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، «بىزنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا پائالىيەت قىلىشىمىزنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ھەرقانداق دۆلەت ئەنگلىيىدە بىمالال پائالىيەت قىلىشنى كۈتمەسلىكى كېرەك» دېگەن.
ئىران ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ«ئاز ساندىكى بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغان قىلمىشى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ۋىليام خېيگ ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان ھەربىي تۈزۈمدىكى «باسىج» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى 1979-يىلى ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا.
