ئەنگلىيە ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇردى
2011.05.22
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشى باشلانغاندا ئىراققا كىرگەن ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئىراقتىن تولۇق چېكىنىدىكەن. ئەمما پەقەت بىر قانچە نەپەر ھەربىي خادىم قالدۇرۇلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى ئەنگلىيە قوشۇنلىرى 2009-يىلى چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت 80 نەچچە نەپەر ھەربىي خادىم قالدۇرۇلغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە ھەربىي خادىملىرى ئەڭ كۆپەيگەندە 46 مىڭ نەپەرگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىراقتىكى ئەنگلىيە قوشۇنلىرى سادام ھۈسەيىن كۈچلىرى ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىر قانچە شەھەردە جەڭ قىلغان ئىدى. ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2003-يىلىدىن بۇيانقى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 179 نەپەر ئەنگلىيە ھەربىي خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغان.
2009-يىلى ئىراقتا قالدۇرۇلغان 80 نەپەر ھەربىي خادىم ئاساسلىقى ئىراق ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنى تەربىيىلەش، مەشىق قىلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان.