ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ھەر خىل توسالغۇلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەسلىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر كازافىينىڭ چوقۇم تەختتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت نىڭ قارارىدا ھاكىمىيەت ئالمىشىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىنمىغان.
نۆۋەتتە، قوزغىلاڭچىلار بىلەن كازافىي قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مىسراتا، ئاجدابىيە قاتارلىق شەھەرلەردە ئىككى تەرەپ شىددەتلىك سوقۇشلارنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى يىغىن ئېچىپ، ناتونىڭ كازافىي كۈچلىرىگە قارىتىۋاتقان بومباردىمانلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش لازىملىقىنى قارار قىلغان ئىدى.
يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلەردە لىۋىيە پايتەختى ترىپولىدىمۇ ھاۋا مۇداپىئە سىگناللىرى ھەم پارتلاشلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى ئېيتىلدى.