ئەنگلىيە قىرغىزىستاننىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ۋەكىللەر 26-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىپ، يېقىندا قىرغىزىستاندا رەھمى خىزمەت باشلايدىغان ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاساسلىقى ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ قىرغىزىستان دۆلەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسلاھات قىلىشىغا ياردەم بېرىش، قىرغىزىستان ئارمىيىسىنىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتىن زامانىۋىلىشىشى ھەم كۈچىيىشى ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە رېگنۇم ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى قىرغىزىستان مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسلان قازاقبايېف بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ يەنە قىرغىزىستان ئارمىيىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيىلەش ھەققىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ئەنگلىيە تەرەپ يەنە دۆلەت چېگرىلىرىنى قوغداش، تاموژنا باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلىرىدىكى تەجرىبىلىرىنى قىرغىزىستان تەرەپكە ئۆگىنىدىكەن.

يېڭى ئىش باشلايدىغان ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى يەنە بۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستان بىلەن رايون بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن تېررورچىلىققا، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئەسەبىيلىك ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى كۈرەش ساھەلىرى بويىچىمۇ قىرغىزىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان نۆۋەتتە يېڭى پرېزىدېنت سايلىمىغا تەييارلىق قىلماقتا، يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىدۇ شۇنىڭدەك ھاكىمىيەت تەقسىماتىدا يەنە ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.