ئەنگلىيە: خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلاشتى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن 2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-03-31
Share

دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئىسلاھات جەھەتتە ياخشىلىنىش ئەمەس، كەينىگە چېكىنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا خىتاي گەرچە ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتتە نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا پۇقرالار ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولغان بىر سىستېمىنى تۇرغۇزۇش، قانۇننى ئىجرا قىلىپ، پۇقرالار ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر، دەپ كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا خىتاي ئەدلىيە، قانۇن ساھەلىرىدە ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىلغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ئۈستىدىكى بېسىمنى كۈنسايىن ئاشۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دوكلاتىدا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2010-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي، ئافغانىستان، ۋېتيتام، لىۋىيە، رۇسىيە، بېرما قاتارلىق 26 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى خەتەرلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت