دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئىسلاھات جەھەتتە ياخشىلىنىش ئەمەس، كەينىگە چېكىنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا خىتاي گەرچە ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتتە نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا پۇقرالار ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولغان بىر سىستېمىنى تۇرغۇزۇش، قانۇننى ئىجرا قىلىپ، پۇقرالار ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر، دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا خىتاي ئەدلىيە، قانۇن ساھەلىرىدە ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىلغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ئۈستىدىكى بېسىمنى كۈنسايىن ئاشۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دوكلاتىدا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2010-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي، ئافغانىستان، ۋېتيتام، لىۋىيە، رۇسىيە، بېرما قاتارلىق 26 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى خەتەرلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.