ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تۆر بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا " ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەل - قائىدە تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى مەنپەئەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش تەھدىتى سالغانلىقى ئۈچۈن سانادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بۈگۈن تاقالدى" دەپ ئېلان قىلىنغان.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ باياناتىدا يەنە بۇ يەردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھۇشيار بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىدىن باشقا يەنە بۇ يەردىكى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىمۇ بىخەتەرلىكنى نەزەرگە ئېلىپ، تاقالغان. ھازىرچە بۇ ئەلچىخانىلارنىڭ قاچان قايتىدىن ئېچىلىدىغانلىقى نامەلۇم.
بۇ بىر قاتار جىددىيلىكلەر روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە ئامسىتېردامدىن ئامېرىكا ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۇچۇپ، ئامېرىكىنىڭ دېترويىت شەھىرىگە قونۇش ئالدىدا ئايروپىلاننى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇپ، نىيىتى ئىشقا ئاشماي قولغا چۈشكەن نېگىرىيىلىك ئۆمەر فارۇخ ئابدۇمۇتەللىپنىڭ يەمەندە تېررورلۇق تېخنىكىسىغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەل - قائىدە تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى تارمىقى ئابمۇتەللىپنىڭ يەمەندە تېخنىكا جەھەتتىن چېنىقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن، پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ ھاۋا قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى بۇيرۇق قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىكى نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەمەننىڭ قوغدىغۇچى كۈچلىرىنى تەربىيىلەپ ۋە قوراللاندۇرۇپ، ئەل - قائىدە تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلىرىغا بىرلىكتە زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.