ئەنگىلىيە پۇقراسى ئاقمال شەيىخقە ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

ئەنگىلىيە پۇقراسى ئاقمال شەيخ، 2007 ‏- يىلى خىروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆتكەن يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. مەھكۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە بىرقىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاقمال شەيخنىڭ زېھنىي ئاجىزلىق ئەھۋالى بارلىقىنى كۆرسىتىپ، ئاقمال شەيىخنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئاقمال شەيخنىڭ ھۆكۈمگە قارىتا شىكايەت ئەرزى مۇشۇ ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى خىتاي ئالىي سوتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ۋە تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى ۋەقەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. بۈگۈن يەنە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرىتىپ ۋەقەگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋان لېۋىس ئاقمال شەيىخنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزگىدەك دەرىجىدە يولسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، "ئەگەر خىتاي دۇنيادا تولۇق ئىناۋەتكە ئېرىشمەكچى بولسا، چوقۇم ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەقەللىي ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك،" دېگەن.

خىتاي تەرەپ بولسا، بۇ مەسىلىدە ئەنگىلىيىنى ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىككە، خىتاي سوتىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئاقمال شەيىخنىڭ زېھنىي ئاجىزلىقىغا ئائىت دەلىل تېپىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاقمال شەيخ ئوكۇل بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. خىتايدىكى مەلۇم بىر ئالاقىدار خادىم، خىتايدا نۆۋەتتە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئوكۇل ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2008 ‏- يىلى خىتاي 1718 كىشىگە، ئىران 346 كىشىگە، ئامېرىكا بولسا 111 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.