ئەنگلىيە خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشىدە، ئەنگلىيە ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.02.23

1997 ‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندا، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى يول قويىدىغانلىقىنى ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەر خوڭكوڭنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن نارازى بولغان؛ بولۇپمۇ، خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا

خوڭكوڭدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىستىپا بېرىپ، خوڭكوڭدا ئومۇمىي سايلامنىڭ تېزلىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭدىكى بېيجىڭ تەرەپدارى پارلامېنت ئەزالىرى قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئومۇمىي سايلامنىڭ 2012 ‏- يىلى ئېلىپ بېرىلىشىغا قارشى تۇرغان ئىدى.

تۈنۈگۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خوڭكوڭنىڭ ئۆتكەن ئالتە ئايلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات سۇنۇلغان. بۇ خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىنكى 26 ‏- قېتىملىق دوكلاتتۇر. بۇ قېتىمقى دوكلاتتا خىتاينىڭ 1997 ‏- يىلىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.