ئەنگلىيە ئەلچىخانا ئەمەلدارى ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازىسى بېرىلگەن ئەنگلىيە پۇقراسىنى يوقلىدى

ئەنگلىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئۆلۈم جازىسى بېرىلگەن ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تۈرمىدىكى ئەنگلىيە پۇقراسىنى يوقلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.12.26

بۇ يىل 53 ياشلىق ئاكمال شەيخ ئەنگلىيە پۇقراسى بولۇپ، خىتاي مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئۇنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن قولغا ئالغان. ئاكمال شەيخنىڭ 2008 - يىلى، 4 كىلوگرام خېروىننى ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەندە قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازىسى بەرگەن ۋە بۇ ئاينىڭ 29 كۈنى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماقچى بولغان ئىدى.

ھالبۇكى ئامال شەيخ مەزكۇر جىنايەتنى ھازىرغىچە بوينىغا ئالماي كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئىنىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن ئىكەن.
 
ئاشكارىلىنىشىچە، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە دىپلوماتى 26 - دېكابىر شەنبە كۈنى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئەنگلىيە ئۆلۈم جازىسى بىكار قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر قاداق شەكىلدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ئا قارشى.
ئاكمال شەيخنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە دائىرىلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ روھىي كېسەلگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

ئاكمال شەيخنىڭ بۇ ھەقتە خىتاي ئالىي سوتىغا سۇنغان ئەرزى رەت قىلىنغان. ئاكمال شەيخ مەسىلىسى ئەنگلىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن 6 ئاي ئىچىدە ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى خىتاي تەرەپ بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە 10 قېتىم كۆرۈشكەن. ئاكمال شەيخنىڭ زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.