ئەلچىخانىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ھۇجۇمچى بىلەن بىرگە بىر تۈرك مۇھاپىزەتچى ئۆلگەن. ئاز دېگەندە بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان ئىدى.
ئەردوغان: تېررورلۇق ھۇجۇمنى «ئىنقىلابىي خەلق ئازادلىق پارتىيىسى فرونتى» ناملىق تۈرك رادىكال سولچى تەشكىلاتى تەشكىللىگەنلىكى ئېنىق، دەپ كۆرسەتتى.
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقەنى پەيدا قىلغان گۇماندار ئەجەۋىت شانلى، 1997-يىلى ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان. 2000-يىلى مەھبۇسلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ئۇ، 2001-يىلى كېسەللىك سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
ئەردوغان ۋەقە بىلەن سۈرىيىنىڭ چېتىشلىقى بارلىقىغا ئېھتىمال بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان ئامېرىكا ئەلچىخانىسى دەرھال ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئالغان. ئەلچىخانىنىڭ بارلىق كىرىپ-چىقىش ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ، ئەلچىخانا خادىملىرىنى تارقاقلاشتۇرغان.
ماركسىزم-لېنىنىزم ئىدېئولوگىيىسىدىكى مەزكۇر پارتىيە ئاتالمىش غەرب ئىمپېرىئالىزمىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ يوقىتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر پارتىيىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئاق ساراي باياناتچىسى جېي كارنېي شۇ كۈنى ۋەقەنىڭ «ناھايىتى ئېنىق بىر تېررورلۇق ھۇجۇم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.