تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشتە سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن قايتا ئەپۇ سورىدى

تەيۋەن ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن تەيبېيدا باشلانغان " جىڭمېي قاماقخانىسى ۋە ئاق تېررورلۇق" ناملىق كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە، ئۆتمۈشتە يەنى تەيۋەندە بىر پارتىيىلىك ھاكىممۇتلەق تۈزۈم يولغا قويۇلغان دەۋرلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىدىن قايتا ئەپۇ سورىدى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

تەيۋەندە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم يولغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدا گومىنداڭ پارتىيىسى ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، بۇ چاغلاردا، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك ئۆكتىچى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەر چەكلەنگەن ۋە باستۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئەنە شۇ دەۋردىكى تارىخىي ساۋاقلارنى ياد ئېتىش ۋە شۇ تارىخنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

كۆرگەزمىگە ئەينى چاغدا سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ رەسىملىرى، قىممەتلىك يادنامىلىرى ۋە تۈرمە خاتىرىلىرى قويۇلغان. ئېچىلىش يىغىنىدا ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىلىرى سۆزگە چىقىپ ئەينى چاغدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەننىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە نۆۋەتتە ئاكتىپ ئارىلىشالماسلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ رېئال ئېھتىياجى دەپ چۈشەندۈرگەن.

مىنىستىر سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەر خىل ئۆلچىمى يوق، ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئورتاق بىر ھوقۇقتۇر دەپ ئىزاھات بەرگەن.