ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئەزالىقى سالاھىيىتىنى توختىتىشقا چاقىرىلدى

خەلقئارادىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى خەلققە قاراتقان زوراۋانلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ھەمدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى سۈرىيىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئەزالىقى سالاھىيىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.11.11

مەزكۇر چاقىرىق سۈرىيىدە ئۆكتىچى كۈچلەر يەنە قارشىلىق نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى چاقىرىقلارنى باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە شۇ سەۋەبتىن ئەرەب ئەللەر ئىتتىپاقىنى سۈرىيىنىڭ ئەزالىقى مەسىلىنى ئويلىشىشقا چاقىرغان.

پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 22 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى شەنبە كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ سۈرىيىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.