رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋىدېفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەت رەھبىرى جۈمە كۈنى لىۋىيە رەھبىرى كازافىينى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى ۋە 40 مىليارد دوللارغا يېقىن پۇل ئاجرىتىپ، ئەرەب ئەللىرىدە دېموكراتىيىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
8 دۆلەت رەھبىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان قوشما باياناتىدا كازافىي ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ «كېلەچەكتىكى ئەركىن، دېموكراتىك لىۋىيىدە ئورنى يوقلۇقى»، «ئۇنىڭ چوقۇم ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.
باياناتتا يەنە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سۈرىيە دائىرىلىرىنى خەلققە قارشى قورال كۈچى ئىشلىتىش، ئۇلارغا ۋەھىمە سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەشنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
باياناتتا، يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، يەمەن پرېزىدېنتى ئابدۇللا سالىھنى ھوقۇقنى تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.
8 دۆلەت دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ تەكلىپ قىلىنمىغان. لېكىن خىتاي بىلەن ھىندىستاننى 8 دۆلەت گۇرۇھىغا داخىل قىلىش- قىلماسلىق مەسىلىسى دىيوۋىلدىكى بۇ قېتىمقى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
فرانسىيىنىڭ نورماندىيە دېڭىز قىرغىقىدىكى دىيوۋىلدا چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا مىسىر، تۇنىس ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا ئەرەب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈشىگە قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.