ئەركىن سىدىقنىڭ ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېڭى كەشپىياتى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق، ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى ساھەسىگە نۇرغۇن قولايلىقلار كەلتۈرىدىغان يېڭى تېخنىكا كەشىپ قىلىش بىلەن، 28 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ " كەشپىيات ۋە تۆھپە " باشقارمىسىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

دوكتور ئەركىن سىدىق كەشىپ قىلغان،ئالەم بوشلۇقىدىكى تېلىسكوپنى يەر شارى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر بۆسۈش خاراكتېرلىق يېڭى تېخنىكا بولۇپ،بۇ ئىنسانىيەت ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىدا نۇرغۇن قولايلىقلارغا يول ئاچىدىكەن.

ئەركىن سىدىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا جايلاشقان، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورنىدىكى نوپوزلۇق ئېنژىنېرلارنىڭ بىرى، بۇ ئالىم مەزكۈر تەتقىقات ئورنىدا 2003 - يىلىدىن باشلاپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى مۇھىم يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن مەزكۈر تېخنىكا ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا زور ھاياجان قوزغىغان، قىسقا خەۋەرلەردىن كېيىن مەزكۈر يېڭى كەشپىيات ھەققىدە ئالىم ئەركىن سىدىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.