ئۇ يەنە بايلىقلارنىڭ تەقسىماتىدىكى ئادىللىقنىڭمۇ سۇن جوڭشەننىڭ غايىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ يۈز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ، تەيۋەننى خىتاي بىلەن تىنچلىقچە بىرلىشىشكە چاقىرغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر خاتىرە مۇراسىمى كۈچلۈك بىر سىياسىي ھاۋا ۋە مىللەتچىلىك كەيپىياتىدا ئۆتكەن؛ تەيۋەندىكى مۇراسىم كەيپىياتى ئۇ دەرىجىدە قىزغىن بولمىغان.
كۆپلىگەن تەيۋەنلىكلەر، يۈز يىل بۇرۇنقى شىنخەي ئىنقىلابى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئارىسىدا بىر باغلىنىش بار دەپ قارىمىغان.
كۆزەتكۈچىلەر تەيۋەندىكى بۇ خاتىرە مۇراسىمىنىڭ كەيپىياتىغا ئاساسەن، تەيۋەن خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى يەنىلا خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
خۇ جىنتاۋ سۆزىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سۇ جوڭشەننىڭ روھىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى ئۇنى رەت قىلىپ، خىتايدا پەقەت كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭلا قۇدرەت تاپقانلىقىنى، ئەمما كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ روناق تاپالمىغانلىقىنى، بۇ خىل ئادالەتسىزلىكنىڭ سۇن جوڭشەننىڭ غايىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.