ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەت بولۇپ باھالاندى

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان "ئەركىنلىك ئۆيى" 2009 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار بولغان دۆلەتلەر رەتكە تىزىپ چىقىلغان. بۇلار خىتاي، بېرما، كۇبا، سۇرىيە، سۇدان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 20 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەركىنلىك ئۆيى بۇ دوكلاتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلغان.

ئەركىنلىك ئۆيى دوكلاتىدا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خىتاي، كۇبا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەزا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئەيىبلىگەن.