ئەركىنلىك سارىيى: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم ئېغىر ھالەتنى ساقلىدى

ئەركىنلىك سارىيى 2012-يىلدىكى دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ يەنىلا ئېغىر ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2012-يىلدىكى دۇنيا دېموكراتىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى باھالاپ چىقىلغان دوكلاتتا خىتايدىكى دېموكراتىيە دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەركىنلىك سارىيىدىكى ئاسىيا ئىشلىرى تەنقىدچىسى سارا كۇك ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 2009-يىلىدىكى نامايىشتا تۇتۇپ كېتىلگەن، ياكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە سانى ئېلان قىلىنمىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا نامايىشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ۋە ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: 2012-يىلىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمە بېسىمى يەنىمۇ ئېغىرلاشتى، دېدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال قويۇشتىن چەكلگەنگەنلىكى، بىر قىسىم ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي مەكتەپلەردىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ساقچىخانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.