ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي يەر شارىدىكى دىكتاتورا دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

مەركىزى نيۇيوركتىكى «ئەركىنلىك سارىيى» ئامېرىكا مۇستەقىللىق بايرىمى ھارپىسىدا «خەلقئارادىكى دىكتاتورا دۆلەتلەر» ناملىق سىياسىي دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان دىكتاتورا دۆلەتلەر تىزىملىكىگە شىمالىي كورىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، سومالى، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

دوكلاتتا پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا بىر مىليارد 600 مىليون كىشىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بولمىغان مۇھىتتا ياشاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر مىليارد 300 مىليونىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.