بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " تېررورلوق " پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان،" شەرقىي تۇركىستان ئىسلام پارتىيىسى" تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ئەمما 5 - ئاينىڭ 2 - كۇنى " شەرقىي تۇركىستان ئىسلام پارتىيىسى " تەشكىلاتى خىتاي ۋە پاكىستانغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پاكىستاندىكى ئادەتتىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن ھېچقانداق ماناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۇرگەن ئىدى.
ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەركىنلىك سارىيى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت " تېررورچى" ۋە " مىللىي بۆلگۈنچى " دېگەن باھانە بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھوكۇمرانلىغىغا قارشى تۇرغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىغىنى، ھەتتا بۇ كىشىلەرنى ئېغىر تەن جازاسى بىلەن جازالاپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىغىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ چەتئەللەردىن قايتۇرۇلغان ھەر قانداق كىشىنى قاتتىق جازالايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى، بۇ دۆلەتتە ئىنسانى ھەق - ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.