ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - ئەركىنلىك سارىيى جۈمە كۈنى دۇنيادىكى 195 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا "ئىنتايىن ناچار" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، 2008 - يىلى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالىدا ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بولغان.

دوكلاتنى تەييارلىغان ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى كارىن كارلېكار خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن": خىتاي 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەسلى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇش يولىنى تاللىۋالدى."

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، 2008 ‏- يىلى خوڭكوڭنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىدە چېكىنىش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بولغان تەسىر كۈچىنىڭ زورايغانلىقىدا ئىكەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتى 3 - ماي دۇنيا ئاخبارات كۈنى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇ كۈنى يەنە مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى " تور بېكەتلىرى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدىكى 10 دۆلەت" نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي بۇ 10 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى 8 ‏ - قاتارغا تىزىلغان.