د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، «بىز ئەرشىدىننىڭ دېلوسىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى بىلىمىز. بىز قازاقىستاننىڭ قارارىدىن ھەيران قالمىغان بولساقمۇ، لېكىن ب د ت مۇساپىرلار كومىسارىياتىنىڭ جەنۋە ۋە ئالماتادىكى خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ پىكرىگە ئىشىنىپ، ئەرشىدىننىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە يول قويغانلىقىدىن ھەيران قالدۇق» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ يىل 38 ياشلاردىكى ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009-يىلى يازدا قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ ئالماتادىكى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ئالماتادىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى شۇ يىلى 10-ئايدا ئۇنىڭغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرگەن. شۋېتسىيە ئۇنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقلار ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا يول قويمىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەرشىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشتىن سەل بۇرۇن، ئۇنىڭ ب د ت مۇساپىرلار كومىسسارىياتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان. لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئەرشىدىننىڭ ئادۋوكاتىغا ئۇقتۇرۇش قىلمىغان.
ئەرشىدىن خىتايغا يولغا سېلىنىشتىن 4 كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ب د ت مۇساپىرلار كومىسارىياتىنىڭ ئالماتادىكى ئىشخانىسىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بىكار قىلىنغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق مۇساپىرلار ئىشخانىسى مەخپىيەتلىكنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
دولقۇن ئەيسا، ب د ت مۇساپىرلار كومىسارىياتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەرشىدىننىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى قوبۇل قىلىنسۇن ياكى قىلىنمىسۇن، قازاقىستان ئۇنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى بۇنداق قىلىشنى چەكلەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
