ئوخشاش بىر ۋاقىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ پاكىتسىز ئىكەنلىكىنى، ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتاينىڭ تېررورچىلىقنى دەستەك قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئۆز باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي پاكىتسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تۆھمەت. ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي تۈرمىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىۋەتكىنى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى تۇتماقچى بولغىنىدا، قازاقىستان دۆلىتىگە قېچىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ قازاقىستاندىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ سىياسىي پاناھلىقىغا ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر. ئەمما ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھالدا، ئەرشىدىننىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزىنىڭ سودا ھەم باشقا جەھەتلەردىكى مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەرشىدىننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسى ھەم قازاقىستاننىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئەرشىدىننىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەيمىز.»
دىلشات رىشىت ئۆز باياناتىدا يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، غەرب دۆلەتلىرىنى ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.