خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئەرشىدىن ئىسرائىلنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا، ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ جىنايىتىنىڭ پەقەتلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىكى قېيىن-قىستاقلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
ئەرشىدىن ئىسرائىل ئۇ بىر ۋىجدان مەھكۇمى، ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي دەرھال ئۇنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئۇ قاتتىق قېيىن-قىستاق ۋە ئادالەتسىز سوتنىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئەرشىدىن ئىسرائىل خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن-قىستاقتا ئۆلگەن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىپ قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ۋە ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ئۇ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ۋە شۋېتسىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىن ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئۇنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشى ۋە قازاق دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىشى بىلەن ئۇ 30-ماي كۈنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.