خىتايدىن قېچىپ قازاقىستاندا پاناھلانغان ئۇيغۇر ياش ئەرشىدىن ئىسرائىل خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

ئەرشىدىن ئىسرائىل غۇلجىدىكى ۋاقتىدا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسىنى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىزدەش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

شۇ سەۋەبتىن ئۆز ھاياتىدىن ئەنسىرىگەن ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009-يىلى 24-سېنتەبىر 4 كېچە يول يۈرۈپ، قورغاس ئارقىلىق مەخپىي يوسۇندا قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ۋە قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن.

ئۇنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى 2010-يىلى مارتتا ھەل بولۇپ، شۋېتسىيىگە تەقسىم قىلىنغان. ئەرشىدىن شۇ يىلى ئاپرېلدا شۋېتسىيىگە يولغا چىقىش ئالدىدا قازاق ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان.

ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ مەسىلىسى ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

شۇندىن كېيىن، بىر قىسىم غەرب ئەللىرى دىپلوماتلىرى قازاق دائىرىلىرى بىلەن ئەرشىدىن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەپ، قازاقىستاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

كېيىن قازاق دائىرىلىرى ئەرشىدىننىڭ قازاقىستانغا پاسپورتسىز كىرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇنى سوتلاشقا باشلىغان.

تۈنۈگۈن ئىگىلىگەن خەۋىرىمىزگە قارىغاندا، قازاق سوت دائىرىلىرى ئەرشىدىننىڭ پاناھلىق تەلەپلىرىگە قايتا قاراپ چىقىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئەرشىدىننىڭ يەنە قانداق قانۇنىي تاللاش ئەركىنلىكى بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم.