بېيجىڭدا ئۆيى چېقىلغان ئەرزدارلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-نويابىر دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋە تيەنجىندىكى ئەرزدارلاردىن 300 نەچچە كىشى، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

بېيجىڭدىكى ئەرزدارلاردىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭدىكى ئۆيى چېقىۋېتىلگەن 180 نەچچە ئەرزدار ھەم تيەنجىندىن كەلگەن 170 نەچچە ئەرزدار، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدا يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن يۈز نەچچە ساقچىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. ساقچىلار ئەرزدارلارنى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغاندا، ئەرزدارلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 4 نەپەر ئەرزدار نەق مەيداندا تۇتۇپ كېتىلگەن. بىر قىسىم تيەنجىنلىك ئەرزدارلار مەجبۇرىي ھالدا تيەنجىنگە قايتۇرۇپ كېتىلگەن.

رادىئويىمىزنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 4 نەپەر ئەرزدار نامايىش قىلىۋاتقان ئەرزدارلارنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن قويۇپ بېرىلگەن.

يەنە باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ھەم تيەنجىندىكى ھەربىيدىن قايتقان ئەسكەرلەردىن 100 نەچچە كىشى بېيجىڭدىكى ئازادلىق ئارمىيە باش شتابىغا كېلىپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك دائىرىلەردىن ئەرزدارلار مەسىلىسىنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەردىن رازى بولغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئەرزدارلار يەنىلا بېيجىڭغا كۆپلەپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئەرزدارلار مەسىلىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.