جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا چاقىرغان «2012-يىللىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى» يىغىندا ئاساسىي قاتلاملاردىن يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ نارازىلىق ئاممىۋى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدەك ۋەزىيەتنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن يېزا ئاساسىي قاتلام ئەرزىيەت خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتايدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسى خەلقئارا جامائەتنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلە. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا ۋۇكەن ۋەقەسىگە ئوخشاش نۇرغۇن چوڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز داۋاسىنى ئاقتۇرالماي، بېيجىڭدا ئەرز قىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىيەت داۋالىرىمۇ بار.
بۇ ئەرزدارلار نۇرغۇن قېتىم بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان، ساناقسىز قېتىم كەلگەن يەرلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى. يۇقىرىدىكى قاراردىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەرزدارلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەسىلىنى يەرلىكتە ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.