5 - فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۈەن ناھىيىسىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان گۈلخەيرى قادىر، شۇ خىلدىكى قىرغىز قىزلىرىنىڭ بىر ئىكەن.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ قىزلىرىدىن ھەر يىلىغا 140 مىڭنى خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر رايونلارغا يۆتكەپ كەلمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 2008 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 870 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 740 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم شەھەر بازارلارغا يۆتكىلىپ خىزمەتكە سېلىنغان بولسا، 160 مىڭ ئادەم قېتىم خىتاينىڭ جۇجياڭ ۋە چاڭجياڭ دەريا دېلتىسىدىكى شەھەرلەرگە يۆتكەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى 2010 - يىلىمۇ ئىزچىل ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 300 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى 2006 - يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىدى.