«سىنا خەۋەرلەر» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ 2011-يىلى ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 56 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 85 پىرسەنتىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما نۇر بەكرى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە توختالمىغان.
ئەمما نۇر بەكرى يەنە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 14 مىڭ مىللىي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 19 ئىچكىرى ئۆلكىگە قايتا تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۇر بەكرىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بىر يىل ئىچىدە بۇنداق جىق مىللىي ئوقۇغۇچىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقانلارنىڭ مىللىي تەركىبىنى بىلىۋېلىشنىڭ قىيىنغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.