«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئېتىبار بېرىش» سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلار يەنە بەھرىمەن بولالمىدى

بۈگۈن شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق 42 مىڭ ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىردىن ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 48 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇلتۇر 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، رايوندىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولمىغان ئائىلىلەرگە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇلارغا ھۈنەر -كەسىپ ئۆگەتكەن ۋە ياكى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىپ تۇرغان. ئەمما ،خەۋەردە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرىدىن بەھرىمەن بولغان ئائىلىلەرنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە نىسبىتى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندىكى بىر قىسىم خاتا سىياسەتلىرىنى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلىپ رايوندا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما رايوندىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئاساسلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ قېتىمقى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلىپ، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، رايوندىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ رايوننىڭ تىنچىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.