قازاقىستان خىتاينىڭ 130 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئەتكەس مېلىنى مۇسادىرە قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئالماتادىن خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاموژنا ساقچىلىرى خىتايدىن كىرگەن 130 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئەتكەس مالنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستان ئىقتىسادىي جىنايەتلەر ئورگىنى خادىمى مۇرات جۇمانباينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بەش يىل جەريانىدا ئۇلار خىتايدىن قازاقىستانغا ئەتكەس ماللارنى يۆتكىگەن 100 كىشىنى جازالىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىن قازاقىستانغا يۆتكەلگەن بۇ ئەتكەس ماللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئوبلاستى بىلەن قازاقىستان چېگراسىدىكى سودا ئېغىزى قورغاس قاتارلىق سودا ئېغىزلىرى ئارقىلىق قازاقىستانغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قازاقىستان ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۆتكەلمەكچى ئىكەن.

مۇرات جۇمانباينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىرغىچە ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن 16 ئادەمنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستاننىڭ قورغاس ئېغىزىدىكى پوچتا تاموژنا خادىملىرى، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تەننەرخى ئەرزان، سۈپىتى ناچار ھەتتا ساختا تاۋارلىرى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كارخانا -زاۋۇتلىرى ھەم سودا شىركەتلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ كەلمەكتە. مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىدىكى خېرىدارلار بۇنىڭدىن نارازى بولماقتا.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان سودا شىركەتلىرىمۇ خىتاينى ناچار ئىشلەنگەن تاۋار مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ھەم چەتئەل كىتاب-ژۇرنال، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى قاتارلىق ئەقلىي مۈلۈك تاۋارلىرىنىڭ خىتايدا قانۇنسىز تارقىتىلىپ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغان ئىدى.