ياۋروپا ئىتتىپاقى قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى

قازاقىستان ئاخبارات ساھەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قازاقىستان بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر 8 - نويابىر قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى ئاۋرېلىئا بوۋچېز بىلەن قازاقىستان كېڭەش پالاتاسى رەئىسى قايرەت مامى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇلغان.

ئۇلار يەنە قازاقىستان ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئارىسىدىكى پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

قازاقىستان ئوتتۇر ئاسىيدىكى ئەڭ تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركى ئەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە.

ئوتكەن ئاينىڭ 27 - كۈنى قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار باش كاتىپى كاتىرىنې ئاشتون ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.