ئانالىزچىلار «زامان» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ، ئۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېيۋېي يوقاپ كېتىپ بىر قانچە ھەپتە جىم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېقىندا ئۇنىڭ باج ئوغرىلاش سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئايالى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
«زامان» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلقى «ئەڭ تەسىرلىك شەخسلەر» تىزىملىكىدە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامادىن تارتىپ، مىسىر ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان تور ئالاقىچى ۋائېل غونەمغىچە، شىمالىي كورىيە دىكتاتورى كىم جۇڭ ئېلنىڭ ئوغلى كىم جۇڭ ئۇندىن تارتىپ، بېرما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاڭسەن سۇچى ۋە ۋىكىلىكس تورىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىيان ئاسسەنجېنى ئۆز ئىچىگە كىشىلەر بار.
ئەي ۋېيۋېينىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋ ئە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينى تەنقىد قىلغان.
ئەي ۋېيۋېي بىردىنلا دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.