خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېيۋېينى زور مىقداردا باج ۋە جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئەي ۋېيۋېي ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن زور مىقداردىكى باجنى دەرھال قايتۇرۇشقا قىستىغان.

ئەي ۋېيۋېينىڭ ئانىسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باج خادىملىرى 28-ئىيۇن كۈنى ئەي ۋېيۋېينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ دۆلەتكە تاپشۇرۇرمىغان 5 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بېجى ھەم 7 مىليون يۈەن جەرىمانىنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى كېپىللىككە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا پەيشەنبە كۈنى 23-ئىيۇن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيانىڭ جىنايەت مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما دائىرىلەر خۇ جيانىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەش بىلەن بىللە ئەي ۋېيۋېينىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا جايلارغا سەپەر قىلىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

نۆۋەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئەي ۋېيۋېي ۋە خۇ جيا قاتارلىقلارنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا قاراتقان نەزەربەند قىلىشنى بىكار قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.