خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن داڭلىق ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەي ۋېيۋېينى قولغا ئېلىپ بىر ئاي بولغۇچە ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات باشلىقى لى چېڭيۇەن ئۆز باياناتىدا «خىتايدا ئەي ۋېيۋېيگە ئوخشاش قولغا ئېلىنىپ كەتكەن يەنە نۇرغۇن ئاكتىپلار بار، خىتايدىكى بۇ بىر پارتىيىلىك تۈزۈم ئاياقلىشىشى كېرەك» دېگەن.

سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي 3-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدىن سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئۇ يېقىندىن بۇيان خىتايدا قوزغىلىش ئېھتىمالى بولغان ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىرىنىڭ بىرىدۇر.

رويېتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ «غايىب بولۇش» ئەھۋالى يەنە داۋاملاشماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن لى فاڭپىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى، ئۇنىڭ ئايالى 3 كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.

لى فاڭپىڭ خىتايدىكى خۇجياغا ئوخشاش تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئادوۋكاتلىقىنى قىلغان ۋە شۇنداقلا يەنە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەسىلىسى ۋە بالىلارنىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى بىلەن زەھەرلىنىش ۋەقەسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان بىر ئادۋوكات ئىدى.

خىتايدا يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىمنىڭ ئېغىرلىشىشى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىمۇ ئامېرىكا تەرەپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ غايىب بولۇش ۋە قانۇنسىز قولغا ئېلىنىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.